مىللىتىمىزنى قۇتقۇزايلى شەرقى تۈركىستان بۇرۇنقى تۈركىستان دۆلتنىڭ شەرقى قىسمىدىكى رايۇن بۇلۇپ 19-ئەسىرىدە تۈركىستان كۈچلۈك دۆلەتلەر تەرپىدىن شەرقى تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركىستان دەپ چوڭ جەھەتتىن ئىككىگە بۆلۋىتىلگەن ئىدى. 1990-يىلدىن كىيىن كوممۇنىستىك دۆلەتلەرنىڭ گومران بۇلۇشى بىلەن غەربى تۈركىستاندىكى تۈركى خەلىقلەر ئۆزلىرنىڭ مۇستەقل تۈركى دۆلەتلىرنى قۇردى .ئەمما شەرقى تۈركىستان ئىزچىل ھالدا كوممونىست خىتاي باسقۇنچلىرنىڭ ئىشغالىيتى ئاستىدا تورماقتا. شەرقى تۈركىستان ئاسيا قىتئەسنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بولۇپ ئومۇمى يەر كۆلىمى 1 مىليۇن 820 مىڭ كۇۋادىرات كىلۇمىتر بۇلۇپ 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي تەرپىىدىن بىسۋىلىنغاندىن كىيىن 165 مىڭ 73 كۇۋادىرات كىلۇمىتىر زىمنى خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىگە قۇشۇپ بىرىلىگەن. ھازىرىقى ئىگەللەۋاتقان ئەمەلى زىمىن تىرىتۇريىسى 1 مىليۇن654 مىڭ 264 كۇۋادىرات كىلۇمتىر. شەرقى تۈركىستان شەرقتە خىتاي خەلىق جۇمھۇريىتى بىلەن، شەرقى شىمال تەرەپتە مۇڭغۈلىيە خەلىق جۇمھۇريىتى بىلەن ، شىمالى تەرەپتە روسيە فىدراتسيسنىڭ ئالتاي جۇمھۇريىتى بىلەن ، غەربىي شىمال تەرەپتە قازاقىستان بىلەن،غەرىب تەرەپتە قىرغىزىستان ،تاجىكسىتان ۋە ئافغانىستان بىلەن، غەربىي جەنۇب تەرەپتە پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە كەشىمىر بىلەن جەنۇپتا تىبەت بىلەن چىگىرلىنىشتەك جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ئاسيا قتئەسدىكى ئىستىراتىگىيلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم رايۇندۇر. شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئاھالىسى تۈركى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلار بولۇپ ئۇيغۇرلار تارىخىتىن بۇيان بۇ رايۇندا ھۇن ئىمپېراتورلۇقى،كۆكتۈرۈك ئىمپېراتورلۇقى،قارا خانلار دۆلىتى،ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، بۈيۈك سەلچۇق
...